Yalghuz Aral

歌手: Upuk

يالغۇز ئارال

ئاينىڭ نۇرى چۈشكەن بۇ ئارال،

شۇنچە تىمتاس مەن يالغۇز بۇ يەردە.

قۇياش نۇرىنىڭ بەرىكىتى يوق ئەسلا،

تۇرغان بولساممۇ قۇياشنىڭ ئاستىدا.

گەرچە ئۆتكەن بولساممۇ تاغ جىلغىلاردىن،

گەرچە ئۆتكەن بولساممۇ دەريا ئېقىنلاردىن.

قۇچاقلاپ گىتتارنى يالغۇز ئارالدا.

تاغلار گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەندە، دەريا ئۆركەشلەپ كەلگەندە،

مەن يالغۇز مەن يالغۇز...

تاغلار گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەندە، دەريا ئۆركەشلەپ كەلگەندە،

مەن يالغۇز مەن يالغۇز...

شامنىڭ يورۇقىدا سۈرەتلىرىڭگە قاراپ،

ئۆتتى ۋاقىتلار قانچە يىللار شۇ چاغلارنى ئويلاپ.

ياغقان يامغۇر سۈرتەلمىدى يۈرەكتىن ئاققان ياشنى،

قۇچاقلاپ گىتتارنى يالغۇز ئارالدا.

تاغلار گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەندە، دەريا ئۆركەشلەپ كەلگەندە، مەن يالغۇز مەن يالغۇز...

تاغلار گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەندە، دەريا ئۆركەشلەپ كەلگەندە، مەن يالغۇز مەن يالغۇز...