Sergerdanning Chvshi
歌手: Upuk
ئۆيدىن چىكەتكەن چاغدا ئۇ نېمىنى ئويلىدى
تۇرمۇش بېسىمى ئۇنى بەزىدە ئۆلۈمگە زورلايتى
ئالدىغا كەدەم ئالغىسى بار لېكىن جۈرەت قىلالمىدى
بىرۋاق ئىسسىق تاماق كۆچىدىكىلەرنىڭ سەدىقىسى
كىيىملىرى پۇچۇق سوغۇققا بەرداشلىق بېرەلمەيتتى
تۇيۇقسىز بىر كىشى كەلدى ئۇنىڭغا كارتىدىن بىرنى بەردى
بانكىغا كىرىپ تەكشۈرسە ئىچىدە نەق ئون مىلىيون پۇل بارتى
ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كەلدى ماشىنىسىنى توختىتىپ قويدى
ئۆيدە ئايالى باللىرى ئۇنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ تۇراتتى
ئىسسىق تاماق ئىسسىق چاي ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئاستىدا
ئائىلىدىكىلىرى بىلەن ئەللىك سوڭلىق تېلۋىزورغا قارايتى
بۇ خىل تۇرمۇشقا ئەمدى ئۇ كۆنۈپ قالدى
ئەينى چاغدىكى شۇ ئادەمنى داۋاملىق ئەسلەپ تۇراتتى
تۇيۇقسىز قاچىغا چۈشكەن تەڭگە ئۇنى ئويغىتىۋەتتى
ئۇچىسىغا قارىسا يەنە شۇ پېتى ئاچچىق كۈلۈپ قويدى
قىش پەسلى يېتىپ كەلدى سوغۇق شامال ئۇنىڭغا ئۇرۇلاتتى
سوغۇققا بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن ئارتىۋالغان يىرتىق چاپىنى
كوچىدىكىلەر ئۇنىڭغا قاراپ قۇيۇپ ئۆتۈپ كېتەتتى
چۈنكى ئۇ قىلىۋاتقان ئىش باشقىلارنىڭ كەسپىگە ئايلاندى
شۇ چاغدىكى تۇققانلىرىنىڭ ھېشقايسى ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى
تۇيۇقسىز بىر كىشى كەلدى ئۇنىڭغا كارتىدىن بىرنى بەردى
بانكىغا كىرىپ تەكشۈرسە ئىچىدە نەق ئون مىلىيون پۇل بارتى
بالام نەرگە باردىڭىز ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولدىمۇ
ھېرىپ كېتىپسىز بالام ئۆيگە كىرىپ چاي ئىچىۋالمامسىز
ھاۋا سوۋۇشقا باشلىدى قېلىنراق كىيىنىۋالسىڭىز بولمامدۇ
ئۆيگە كىرىڭە بالام سىزگە ئىسسىق تاماق ئېتىپ بەرمەيمۇ
ئۇنىڭ تۇرمۇشى تۈزلەندى ھەممىسى ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلاتتى
ئۆزىمۇ بۈلمەيدۇ ھەقاچان ئۇ ئۈرۈنمچىدىكى بىرىنجى بايتى
تۇيۇقسىز قاچىغا چۈشكەن تەڭگە ئۇنى ئويغىتىۋەتتى
ئۇچىسىغا قارىسا يەنە شۇ پېتى ئاچچىق كۈلۈپ قويدى