مەن خۇددى يەرئاستىدىكى جەسەتتەك مىدىرلىشىم تەس
ئەمما كۆزۈم ئوچۇق نەپىسىم جايىدا تېخى ئۈلۈك ئەمەس
ئۆزۈمگە دېدىم نۇرغۇن قېتىم توختاپ قال بولدى ئەمدى
توختىماي ياڭراۋاتقان ئاۋاز كاللامدا غەم كېچىسى ئۇخلاتمىدى
بۇنداق قىلىشىمغا كىم سەۋەپچى كىم مېنى بۇنداق قىلىپ قويدى
مەن بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىساممۇ بولىدۇ لېكىن پەقەت ئامال بولمىدى
نەزىرىڭدە مەن قاتىل بەلكىم بۇ تۇپراقنىڭ لەنىتى
لىكىن نەزىرىمدە سەن ئەخلەت بېرىدىغىنىم ئۆلۈم جازاسى
بەلكىم ھازىر بەدىنىم بەزلەشتى جەسەت ئالدىمدا ھېشنىم ئەمەس
بەلكىم سەل ھەجۋىي لىكىن دەۋاتقىنىممۇ يالغان ئەمەس
غەزىبىمنى كەلتۈردۈڭ كۆرىدىغان كۈنۈڭمۇ ئاسان ئەمەس
ھەۋەس قىلىپ يۈرگەن چېغىمدا كىم مېنى قوللاپ باقتى
ناخشىلىرىممۇ چىقتى ئاز ئەمەس لېكىن كىم قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ باقتى
قولۇمدىن كېلىدىغىنى پەقەت مۇشۇ ماڭا نىمە ئامال ئەمدى
يەنە بىرسى سېنىڭ قولۇڭدا ئۆلدى
سەن ناھايىتى ياخشى قىلدىڭ
ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغانلىرى ئوبدان ئويلۇشۇپ باققىن
سېنىڭچە سەن بەك ئالىيجاناب ئادەممۇ
ئىككىمىز بىرلىكتە ئولجا ئىزدەيلى
ئىككىمىز ئەڭ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ كېتەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن
يېنىمغا كەل بۇرادەر يېنىمغا كەل
ئىشىك چەككەن ئاۋاز ئاڭلاندى
ئاپلا بۇ ئەخلەتلەرنى قاچان تازلاپ بولارمەن ئەمدى
قولۇمدا كويزا جەسەت كەبى چىرايدا قەتئىي ئۆزگۈرۈش يوق
پىلانلىرىممۇ ئەمەلگە ئاشتى ئۆزۈم خوشال كۆڭلۈم توڭ
كاللام تېز سۈرەتتە ئايلىنىۋاتىدۇ خۇددى يۈز سەكسەندىكى كادىلاكدەك
نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ ھەجەپ تېزلا تۇتۇلدۇمغۇ
شۇ چاغدا بۈلۈپ قالىسە پىچىغىمنىڭ ئۆتكۈرلىكىنى
بەدىنىم سوغۇق پۇتقولدا جان يوق زادى نىم بولۇپ كېتىۋاتىدۇ
خۇددى مەن يەرئاستىدىكى جەسەتتەك مىدىرلىشىم تەسكە توختىدى
دەك تەك ئەمەس راسقا ئايلاندى
يەنە بىرسى سېنىڭ قولۇڭدا ئۆلدى
سەن ناھايىتى ياخشى قىلدىڭ
ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغانلىرى ئوبدان ئويلۇشۇپ باققىن
سېنىڭچە سەن بەك ئالىيجاناب ئادەممۇ
ئىككىمىز بىرلىكتە ئولجا ئىزدەيلى
ئىككىمىز ئەڭ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ كېتەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن
يېنىمغا كەل بۇرادەر يېنىمغا كەل