ئاتا دەپ پىچىرلايمەن دىلىمدا ھەر تۇندە
لىكىن سەندىن جاۋاپ كەلمىدى
ئاتا سەن رازى بول بەخىتسىز ئوغلۇڭدىن
ئىچىنىشلىق كۆز ياشلىرى تۆكۇلدى كۆزۇمدە
ئاتا سەن چۆل جەزىرە بىلەن كۇرەش قىلدىڭ
كىچىكىمدە ئەركىلىتىپ مىنى
لىكىن باشقا كەلسە ئوڭ بۇنىڭغا ئامال يوق
نە بىزنى بەخىت تۇرمۇش ئاشۇ ھەسەپكەبەخىت قىلدىڭ
ئائىلە باقىمەن پەرزەنتىم دەپ كۇرەش قىلدىڭ
ئالدىڭدىكى مۇشەققەت ئالدىدا سىنىڭ بەدىنىڭ
سەن ئائىلىنىڭ يۆلەنچۇكى ئائىلىنىڭ تۇۋرۇكى
بىزنى قاتارغا قوشتۇڭ كەتتىڭ چىدامدۇ پەرزەنىت يۇرىكى
پۇل تاپىمەن تىرىكچىلىك دەپ ئىككى قولۇڭ قاپارغان
ئاشۇ قىران قارا چاچلىرىڭ پەرزەنتىم دەپ ئاقارغان
كۇنلەردە ئىللىق كۇلكەڭ تا ھازىرغىچە
دادا،مىھرى ئوتلۇق سەن جان دادا ،
ئۆمۇر بويى سەن تىنىم تاپماي،دادا
نەدە بولساڭ بىشىم سىيلاپ،چىيىمغا ناننى چىلاپ
مەيلى قەيەردە بولاي مەيلى
سۆيۇملۇك دادام مىنى ئويلاپ
بالامكەن ئۆگىنىۋال بۇنى ،
كىيىنكى كۇنلەردە ئەسقاتىدۇ
ئويلاپ باقسام گەپنىڭ ئىچىدە گەپلەر باردۇر
دادا،بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى مەن چۇشەندىم،
ئىسىت سەندىن ئۆگىنىۋالسام ئۇچۇن
كۆردۇم،بىلدىم.سەزدىم،ھاياتنى كەزدىم
قىيىنچىلىق سىنى تاۋلايدۇ بوشاشما ئارقىغا يانما
ئەگەر سەن تىرىشمىساڭ ،ئالمىساڭ بولىسەن
بۇ كەسكىن جەڭ مەيدانى ئىچ ئاغرىتمايدۇ
مەن ئاتا قىلغان كۆز بىلەن پەملىگىن
دادا،مىھرى ئوتلۇق سەن جان دادا ،
ئۆمۇر بويى سەن تىنىم تاپماي،دادا
بىراق مەن ئۇلارنى ئورۇندالمىدىم
سەن بار چاغلاردا تالارغا قىچىىپ
ئاشۇ كۆڭلۇڭنى مەن ئالالمىدىم
سەن كۆرسەتكەن ئاشۇ مەنزىل،ئاشۇ جايلارغا
سەن ئۆگەتتىڭ ئەمگەك بىراق بىر كۇرەك توپىنى
سەن ئۆگەتتىڭ چاي ۋاقتىدا بىر نان تۆتكە پارچىلاشنى
بىشىمنى سىيلاتتى ئاتا كۆزلىرىدە ئۈمۈت
بەلكىم قىلىدۇ نۇرغۇن سۈكۈت
مەيلى مەن قانداق تەلەپ قوياي سەن دائىم
كىچىك چىغىمدا يىغلاپ كەتسەم بىرئاماللارنى قىلىپ
كىچىك قولۇمدىن يىتىلەپ باغچىلارغا ئەكىرەتتىڭ
ئائىلە بويىچە دالا سەيلىسىگەبىزنى ئاپىراتتىڭ
سەن تىككەن ئاشۇ گۇللەر مەڭگۇ قۇرىمايدۇ
سەن باسقان ئاشۇ ئىزلار مەڭگۇ يوقىمايدۇ
ئاشۇ كارۋان يولىدا مەڭگۇ توختىمايدۇ
ئەلۋەتتە ئۈمۈت چىرىغى مەڭگۇ ئۆچمەيدۇ
دادامىھرى ئوتلۇق سەن جان دادا
ئۆمۇر بويى سەن تىنىم تاپماي،دادا
دادا،مىھرى ئوتلۇق سەن جان دادا
ئۆمۇر بويى سەن تىنىم تاپماي،دادا