تارىخ بەتلىرىنى بىر–بىرلەپ ۋاراقلاپ
كونا ئىزلار يىلتىزلىرىدىن
ئويلاپ باققىن ئانىلار بىزنى
تاتلىق بالام،جان بالام،ئاپپاق بالام
بىزنى ھەر دائىم ھەر ۋاقىت يۇرەكىگە ياققان
ئانىدەك پەرزەنىت ئۇچۇن،ئانىلىق ئەقىدىسى
پەزىلىتى ئۇچۇن ئۆزىنى ئاتىيالايدىغان
تاغ بولۇپ باشقىلارنى مەڭگۇ كۆتۇرەلەيدىغان
باغ بولۇپ باشقىلارنى كۆكلىتەلەيدىغان
ئادەمنىڭ ئادەم چىرايلىق دىگەن نامى ئانا بىلەن
تۆت تامنىڭ ئائىلە دىگەن مۇقەددەس نامى
شۇڭا دەيمەن ئانا مىھرىگە مىلەنمىگەن ئادەم يوق
ئانا ئەجرىگە قەرزدار بولۇپ باقمىغان ئىنسان يوق
شاھلىق دەۋرىدە ھۆكۇمران سۇرگەن
ئەجىر –مىھنىتىدە قوپۇرۇلغان
ئالىم دەپ ئاتالغاننىڭ قابىليىتىمۇ ئەقلىمۇ
پاك مۇقەددەس ئانىلارنىڭ زىھنى تاراملاپ ئاققان
شەرەپ مۇنبىرى،شۆھرەت مۇنبىرى
شۆھرەت قازانغاننىڭ ئالقىشلىق يولى
مەيلى ئەۋلىيا ياكى بولغىن شاھ
ئانىنىڭ ئالدىدا سەن تىزلان سالامغا
ئانا پەقەت تىلەيدۇ پەرزەنىت بەختىنى
بۇيۇكلۇك،ئۇلۇغلۇق ئۇنىڭ جىسمىدا
مەيلى ئەۋلىيا ياكى بولغىن شاھ
ئانىنىڭ ئالدىدا سەن تىزلان سالامغا
ئانا پەقەت تىلەيدۇ پەرزەنىت بەختىنى
بۇيۇكلۇك،ئۇلۇغلۇق ئۇنىڭ جىسمىدا
ئانىنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى ئۇلۇغ
مىھنەت دىڭىزى،ئۆمۇر يىلتىزى
پۇتۇن ئالەمدىكى سۆيگۇ مۇھەببەتنىڭ
توققۇز ئاي،توققۇز كۇن تاغ كۆتۇرسە
ئىككى قات يۇرۇپ ئاناپەقەت بىر بالىنى تۇغمايدۇ
ھەم ھەممىنى ئانىلىق مىھرىدە سۆيۇملۇك بالام دەپ بىلىپ
بۇ ئۆمرىدە پەقەت بىر بالىغىلا ھاياتلىق يولى ئاچمايدۇ
ھەر بالىنى بالام دەپ بىلىپ،ئىستىقبال يولىغا باشلايدۇ
شۇڭا ھەر بالا يىغلىسا ئۇنىڭ يۇرىكى چىدىمايدۇ
بالا تەختىنىڭ ئانا باغرىدا ئىكەنلىكىنى ئانا ئەڭ بىلگەن
بالا تەختىنىڭ ئانا مىھرىدە ئىكەنلىكىنى ئانا ئەڭ سەزگەن
بالا دىسە ئانا چىدىمايدۇ،يىغىدىن يۇرۇكىنى توختىتالمايدۇ
ئەگەر بىر پارچە لاتا تاپسا بالامغا دەپ ئۆلچەيدۇ
ئانىلىق نامى سىنىڭ جىنىڭ،سىنىڭ تەختىڭ
بەختىڭ ئۇچۇن ئۇنى قەدىرلە،چۇنكى ئۇ ھايات يىلتىزىڭ
پۇتۇن دۇنيادىكى ئۇلۇغ ئانىلارمەڭگۇ تائەبەت ياشاپ كىتىڭ
مەيلى ئەۋلىيا ياكى بولغىن شاھ
ئانىنىڭ ئالدىدا سەن تىزلان سالامغا
ئانا پەقەت تىلەيدۇ پەرزەنىت بەختىنى
بۇيۇكلۇك،ئۇلۇغلۇق ئۇنىڭ جىسمىدا
مەيلى ئەۋلىيا ياكى بولغىن شاھ
ئانىنىڭ ئالدىدا سەن تىزلان سالامغا
ئانا پەقەت تىلەيدۇ پەرزەنىت بەختىنى
بۇيۇكلۇك،ئۇلۇغلۇق ئۇنىڭ جىسمىدا
سانىساڭلا قانداق كۆرۇشنى بىلەلەيسەن
مەڭگۇلۇك مۇھەببەتنى سەن ئانىدىن سورا
ھەر يۇرەككە تەڭ كۆيەي،ھەر يۇرەكنى چىن دىلىمدىن
مەڭگۇ تائەبەت سۆيەي دىسەڭ ئانىلارنى دورا
مىڭ قىتىم ئۆلۇپ تىرىلگەن سۆيۇملۇك ئاناڭ
مىڭ قىتىم يۇكۇنگەن ئاناڭ سەن ئۇچۇن
چىراي سارغايتىپ،تەقدىرگە ياش تۆكۇپ
ئوچاقلىرىڭدا سىنى دەپ كۆيگەن
ناندىن بۇرۇن پىشىپ چىققان
سەن بىلىسەن،چوقۇم بىلىسەن
سەن ئۇنىڭ مۇھەببەت مىۋىسى
،سەن ئۇنىڭ ھايات يولىغا يىقىلغان
شۇڭا ھەممىنى ساڭا بىغىشلىسام
ھەممىنى ساڭا بەرسەم دەيدۇ
نۇرانە چىھرىڭنى كۆرسەم دەيدۇ
مىڭدىن بىرىنى قايتۇرالمايسەن
ئانىلىق پىداكارلىق بىغىشلاشنىڭ
مىڭدىن بىرىنى چىقىرالمايسەن
مىڭدىن بىرىنى بىرەلمەيسەن
سەن ئاناڭغا ئازراق زىھنىڭنى
ئازراق ۋاقتىڭنى ئاجرىتالمايسەن
يۇرۇكۇمنىڭ چەكسىز پۇشايمان ئىچىدە قايغۇردىغىنىنى
ۋىجدانىمنىڭ ئۆزىنى تۇتالماي ياش تۆكۇپ
سەنمۇ ئانا بولىسەن،سەنمۇ ئانا بولىسەن
بىشىڭغا كەلگەندە چۇشىنىپ قالىسەن
سۆيۇملۇك ئاناڭنى بىلىپ يىتىسەن
بالا ئالدىدا سەنمۇ مۇھەببەت تورىغا ئىلىنىسەن
مەيلى ئەۋلىيا ياكى بولغىن شاھ
ئانىنىڭ ئالدىدا سەن تىزلان سالامغا
ئانا پەقەت تىلەيدۇ پەرزەنىت بەختىنى
بۇيۇكلۇك،ئۇلۇغلۇق ئۇنىڭ جىسمىدا
مەيلى ئەۋلىيا ياكى بولغىن شاھ
ئانىنىڭ ئالدىدا سەن تىزلان سالامغا
ئانا پەقەت تىلەيدۇ پەرزەنىت بەختىنى
بۇيۇكلۇك،ئۇلۇغلۇق ئۇنىڭ جىسمىدا