يازدىم ئىككى مىسرا ئەمما گىپىم تۈگىگىنى يوق
ئەمدىلىكتە تۇرمۇشۇمدا ئەقلىم بولدى ئۈچ ياشلىق
بۈگۈنكى بىر كۈنۈمنى يېزىپ چىقتىم خاتىرەمگە
بىر يەرى كەمچىلدەك ھېس قىلاتتىم خاتىرەمدە
روھىم جايىدا جەسەت كەبى ماڭدىم نىشانىمغا
بۈلمەيمە قانچە ۋاقىت كۈلكە كەلمىدى چىرايىمغا
داھىم دەيتىم خەققە ئۆتۈپ كېتىدۇ ھەممىسى ئۆتمۈش
خۇددى ئاسان ئىشدەك دەيتىم ئەڭ مۇھىمى كۈلۈش
ئەمدىلىكتە يۈزلەنگەندە قانىتى سۇنغان قۇشدەك
خۇددى ئەتراپىمدا بىرمۇ ھەمراھىممۇ يوقدەك
تاڭمۇ ئاتتى ئەمدى تۇرمۇشۇم قائىدىلىك
زادى نىمۇ ئۇخمايمەن نىشانىم كۈندىلىك
كۈندىن كۈنگە داۋاملىشىپ ئەپتىم تولىمۇ ھارغىن
ئەمما يەنە ئوخشاش يەتتە بىلەن چىقتىم ئۆيدىن
بۇ كېچە ئاسماندا يۇلتۇز ھەمرا ئايغا
مەن يەنە دېرىزە بويىدا قاراپ يىراقلارغا
يۈز بەرگەن شۇ ئىشلاردىن ئۆزۈمنى ئالالمىدىم چەتكە
يۈرەكتىكى سۆزنىمۇ ھەتتا يازالمىدىم خەتكە
ۋاقىت ئۆتتى ئۇنتۇدۇم ھەممىنى ئۇنتىيالمىدىم سېغىنىشنى
كەيپىياتىم ناچار ئۆگىنىۋالدىم تېرىكىشنى
بەلكىم ماڭا دورا تاپالمىدىم دورىنى ئەمما
ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆردۈم تۇتالمىدىم ئەمما
بەزىدە يېنىمدا باردەك ھېس قىلىپ قالىمە گاھىدا
ئەمما بۈلۈپ تۇرىمە ئارلىقىمىز گويا ئىككى دۇنيا
بەدىنىم جاھىدا ئەمما خىياللىرىم ھەر يەرلەردە
دائىم كۆرىمە خوشال خورام كۈنۈم بەخت ئىچىدە
دائىم چۆچۈپ كېتىمە خۇددى قار باسقاندەك
يېشىم ئاقىدۇ خۇددى ئۇ ماڭا تەسىرلىنىدىغاندەك
قايتىپ كىردىم ئۆيگە يەنە ئوخشاش بىرەرسىمۇ يوق
دېرىزەمنى ئېچىپ باقمىغاچ ھاۋانىڭمۇ ھېدى يوق
بۈلىمە يەنە ئۇيقۇم كەلمەي ئۇخلىمايمە بۇ كېچە
بۈگۈنكى بىر كۈنۈمنى يەنە ئوخشاش يازدىم خاتىرەمگە
بۇ كېچە ئاسماندا يۇلتۇز ھەمرا ئايغا
مەن يەنە دېرىزە بويىدا قاراپ يىراقلارغا