تېكىستىنى ئادىلەسىدىق ئۆزگەرتگەرتىپ ئشلىگەن
نامانگەننىڭ ئالمىسى كۈزدە پىشامدۇ
ھەممە كىشنىڭ كۆزلىرى ماڭا چۈشەمدۇ
مەن سەھنىدە ناخشا ئېيتسام ھاي-ھاي ياسىنىمەن
چاچلىرىمنى ئاۋايلاپ سىلىق تارايمەن
قېشىمغا ئوسمىلار قويسام بۇلامدۇ
مەڭزىمگە ئەڭلىكلەر سۈرسەم بۇلامدۇ
يىغلىغىنىم بىلەنمۇ يېنىڭغا بارماسمەن
نامەنگاننىڭ ئالمىسى ،ئانارى باردۇرەي
ئالما،ئانار يىمەيمەن پىچىنەم باردۇر
مەن ناخشىنى ياخشى ئېيتسام چاۋاك چالامسىز
مىنىڭ ئۈچۈن گۈللەردىن دەستە سۇنامسىز
دەستە گۈلنى سۇنسىڭىز ناخشام ياڭرايدۇ
ئەتىگەندە،سەھەردە بۇلبۇل سايرايدۇ