بۈگۈن مانا سىڭلىمنىڭ قىرقى سۈيىنى قويدۇق
ئالتۇن كۇمۇچ رەھانگۈل ئەتىرسۈيىنى قويدۇق
ئالتەنەۋرە جەن بۇلۇپ چىشلەپ يىدۇق ئالمىنى
بىزدەك ئۇماق تۇقاچغا مىلەپ يىدۇق ھالۋىنى
ئانام قۇيدى بىر چۈمۈچ مەنمۇ قۇيدۇم بىر چۈمۈچ
مىنىڭ ئۇماق سىڭلىمنىڭ باشكۆزى ئالتۇن كۇمۇچ
ئەقىللىق بىر قىز بۇلۇڭ ئەقلاقلىق بىر قىز بۇلۇڭ
ئانام ئارزۇ قىلغاندەك پەزىلەتلىك قىز بۇلۇڭ