يانۋاردىن باشلىنىدۇ يىلنىڭ بېىشى
فىۋرالدا پۇرايدۇ باھارنىڭ ھىدى
خانىم قىزغا تەييارلاندى مارت سوۋغىسى
ئاپىرىلدا پوپايكامنىڭ قالـماس ئىشى
چىچەك ئاچار مىۋەلەر كىرسە ماي ئىيى
ئىيون بىلەن باشلىنار باللار شادلىغى
ئىيولدا ھەممىمىزنىڭ يازلىق تەتىلى
ئاۋغۇستتا تۇنجى كۈنى ئارمىيە بايرىمى
سىنتەبىر مەكتەپلەردە دەرىس باشلاندى
ئۆكتەبىر ۋەتىنىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى
نويابىردا قايتا ئىزدەي پوپايكامنى
دىكابىردا ساقلاپ قالدۇق يىڭى يىلنى
ئايدىن ئايغا كۆپ بولدى ئۈگەنگىنىمىز
يىلدىن يىلغا ئاشماقتا بىزنىڭ ئەقلىمىز
خوشال خورام بەخىتلىك ئۆسۈپ يىتىلدۇق
ئانا ۋەتەن قوينىدا ياڭرار كۈيىمىز